تاش ئالما مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
16:21:06 2022-07-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: چوڭ- كىچىكلىكى بىر خىل، قىزىرىپ پىشقان تاش ئالما بىر كىلوگىرام، شېكەر 750 گىرام، لىمون بىر دانە ياكى لىمون جەۋھىرى 1.5 گىرام، سۇ بىر كىلوگىرام.

 تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. تاش ئالمىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ سىرلىق كورىغا سېلىپ، چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا ئىككى- ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈۋالىمىز. سۈيىگە 250 گىرام شېكەر سېلىپ ئېرىتىپ، 20 مىنۇتچە قاينىتىپ، سۈزۈۋېلىنغان تاش ئالمىنى سېلىپ، بىر- ئىككى مىنۇت قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ ئون سائەتچە قويۇپ قويىمىز. 2. ئون سائەتتىن كېيىن يەنە بوش ئوتقا قويۇپ قاينىغان ھامان تاش ئالمىنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 250 گىرام شېكەر سېلىپ،  20 مىنۇتچە قاينىتىپ سۈزۈۋالغان تاش ئالمىنى سېلىپ، ئوتتىن ئېلىپ 24 سائەتچە قويۇپ قويىمىز. 3. 24 سائەتتىن كېيىن يەنە ئوتقا قويۇپ، بوش قاينىغان ھامان تاش ئالمىنى سۈزۈۋېلىپ. قالغان 300 گىرام شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا لىمون شىرنىسى ياكى لىمون جەۋھىرى ئېرىتمىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىمىز، ئاخىرىدا سۈزۈۋالغان تاش ئالمىنى سېلىپ، قاينىغان ھامان ئوتتىن ئالىمىز، سوۋۇغاندا قۇرۇق، پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلىمىز.

 تەسىرى: يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ،ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىدۇ، مەستلىكنى يېشىدۇ.

 تەبىئىتى: سوغۇق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125