خۇرۇچلىرى: چېڭزىدىن 300 گىرام، مۇگۇادىن 100 گىرام، ھەسەلدىن بىر قوشۇق، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 60مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: چېڭزى ۋە مۇگۇانىڭ پوستىنى سويۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ توغراپ، مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، ئىككى- ئۈچ مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ، ھەسەل قوشۇپ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، سەپرانى پەسەيتىپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سۈتىنى كۆپەيتىدۇ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھامىلىدار ئاياللار، تېنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. سوغۇق تەبىئەتلىك كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)