خۇرۇچلىرى: سۈنئىي سېرىق ماي يېرىم پىيالە، يېڭى قوي يېغى يېرىم پىيالە، تۇخۇم تۆت دانە، شېكەر بىر پىيالە، قېتىق يېرىم پىيالە، سودا كىچىك بىر قوشۇق، ئۇن ئۈچ پىيالە.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. ياغلارنى جاۋۇرغا سېلىپ، ئاقىرىپ قويۇقلاشقۇچە كۆپتۈرىمىز. ئايرىم قاچىدا تۇخۇم، شېكەرنى راسا چېلىپ كۆپتۈرىمىز. بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يەنە كۆپتۈرىمىز. ئاخىردا قېتىقنى قۇيۇپ ئازراق كۆپتۈرۈپ، ئاندىن سودا، ئۇنلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئازراق تىندۇرىمىز. 2. تىنغان خېمىرنى ئۈچ سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىپ، قېلىپ بىلەن بىر- بىرلەپ ئويۇپ ئېلىپ، پىرەنىكنىڭ ئوتتۇرىغا تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى سۈركەپ، لېسقا تىزىپ، ئالدىن قىزىتىۋالغان دۇخوپكىغا سېلىپ، پىشۇرساق بولىدۇ. بۇ خىل پىرەنىكنىڭ تۇخۇم سېرىقى سۈركەلگەن يېرى قىزغۇچ، قالغان يېرى ئاقۇچ پىشىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)