خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 500 گىرام، قوناق ئۇنىدىن 500 گىرام، شېكەردىن 50 گىرام، خېمىرتۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. ئاق ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، بولاق خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرۇپ قويىمىز. 2.قوناق ئۇنىغا شېكەر سېلىپ، قايناق سۇدا يۇغۇرۇپ، خېمىر سەل سوۋۇغاندا مۇۋاپىق مىقداردا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ تىندۇرىمىز. 3. تىنغان خېمىرغا قايتا ئىشلەپ، ئون دانە زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، جىلتا ئېچىپ تەييارلايمىز. قوناق ئۇنى خېمىرىنىمۇ تەڭ ئون دانە زۇۋۇلا ئۈزۈپ، ئېچىلغان ئاق ئۇن جىلتىسىغا سېلىپ مانتا تۈگكەندەك تۈگۈپ، تۈگۈلگەن قىسمىنى ئاستىغا كەلتۈرۈپ ئەمبەلگە قويۇپ، ئالىقان بىلەن سەل- پەل بېسىپ يالپاقلاپ، ئون مىنۇت تىندۇرۇپ قاسقانغا سېلىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)