خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 200 گىرام، قوناق ئۇنىدىن 600 گىرام، خېمىر تۇرۇچتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. ئىككى خىل ئۇننى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. خېمىر سەل كۆپكەندە ئۇنىڭغا قايتا ئىشلەپ، زۇۋۇلا ئۈزۈپ، رومبا شەكلىدە ياساپ، ياغ سۈرتۈلگەن قاسقانغا سېلىپ، 10 مىنۇت ئەتراپىدا قويۇپ بولدۇرىمىز. ئاندىن ئوچاققا ئوت يېقىپ، قازان قاينىغاندا قاسقاننى قازانغا قويۇپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: خېمىرنى شامال ئۆتۈشمەيدىغان جايدا بولدۇرساقمۇ بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)