ئۈزۈملۈك قوناق ئۇن تورتى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
10:12:57 2022-07-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: سېرىق ماي بىر پىيالە، سېرىق قوناق ئۇن بىر پىيالە، ئاق ئۇن يېرىم پىيالە، تۇخۇم تۆت دانە، شېكەر يېرىم پىيالە، قۇرۇق ئۈزۈم يېرىم پىيالە، سودا بىر قوشۇق.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1.سېرىق ماينى جاۋۇردا ئاقارغۇچە كۆپتۈرىمىز. 2. ئايرىم قاچىدا تۇخۇمنى شېكەر بىلەن قويۇقلاشقۇچە كۆپتۈرىمىز. 3. بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يەنە كۆپتۈرىمىز. ئۈستىگە ئۇن، سودا سېلىپ تورت خېمىرىنى تەييارلايمىز. 4. تورت سالىدىغان قېلىپنى مايلاپ، ئۈزۈم، خېمىرنى سېلىپ، خېمىر سالغان قېلىپنى لېسقا تىزىپ، دۇخوپكىنى ئالدىن قىزىتىۋېلىپ، لېسنى دۇخوپكىغا سېلىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا قويساق تورت پىشىدۇ. لېسنى دۇخوپكىدىن ئېلىپ، تورتنى سوۋۇتۇپ، قېلىپنى كۆمتۈرۈپ تورتنى ئالساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125