مېرىنكا پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:42:57 2022-07-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: تۆت دانە تۇخۇمنىڭ ئېقى، يانجىلغان ئاق شېكەر دۆۋە بىر پىيالە. 

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. پاكىز يۇيۇلغان چوڭقۇر سىرلىق قاچىغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئاجرىتىپ تۆكۈپ، توڭلاتقۇنىڭ توڭلىمايدىغان ساندۇقىغا 30 مىنۇت قويىمىز، پاكىز كۆپتۈرگۈچ بىلەن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئۈچ- تۆت ھەسسە كۆپۈپ، ئاق كۆپۈككە ئايلانغۇچە كۆپتۈرىمىز. 2. يانجىلغان ئاق شېكەرنى تۇخۇم ئۈستىگە ئاز- ئازدىن سېلىپ، يەنە كۆپتۈرىمىز، بەك قويۇقلىشىپ ئېغىرلاشقاندا كۆپتۈرۈشنى توختىتىمىز. 3. دۇخوپكىنى قىزىتىپ، لېسنى مايلاپ، ئۇننى تەكشى سېپىپ، تۇخۇم كۆپتۈرمىسىنى لېسقا قوشۇق بىلەن ئارىلىقنى يىراق- يىراق قىلىپ قۇيىمىز، لېس دۇخوپكىغا سېلىنغاندىن كېيىن دۇخوپكىنىڭ توكىنى بىر- ئىككى مىنۇت ئۆچۈرىمىز (دۇخوپكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا بولمايدۇ)، لېسقا ئىسسىق ئۆتۈپ، تۆت- بەش مىنۇتتىن كېيىن دۇخوپكىنى 100- 120 سېلسىيە گىرادۇسقا توغرىلاپ، توكنى ياندۇرۇپ بەش- ئالتە مىنۇت تۇرغۇزىمىز، مېرىنكا سەل كۆپكەندە توكنى بىر- ئىككى مىنۇت ئۆچۈرىمىز. دۇخوپكىنى يەنە ياندۇرۇپ، يەنە ئۆچۈرۈپ، مۇشۇ مەشغۈلاننى قايتا- قاينا تەكرارلايمىز. 40- 50 مىنۇتتا مېرىنكا قىيام بولۇپ پىشىپ چىقىدۇ.

 تەبىئىتى: سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125