بېھى مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى
17:55:31 2022-07-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: سارغىيىپ پىشقان، قۇرت يېمىگەن بېھى بىر كىلوگىرام، شېكەر 700 گىرام، لىمون بىر يېرىم دانە ياكى لىمون جەۋھىرى 5.2 گىرام، سۇ بىر كىلوگىرام. 

 تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. بېھىنى پاكىز يۇيۇپ، سۈرتۈپ، تۆت پارچە قىلىمىز، ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ 5 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توغرايمىز. 2. بېھىنى سىرلىق كورىغا سېلىپ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا 10 مىنۇتچە قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە 200گىرام شېكەر سېلىپ، بوش ئوتتا 20 مىنۇتچە قاينىتىپ، تۇنجى قىيامنى تەييارلايمىز. 3.  سۈزۈۋالغان بېھىنى تۇنجى قىيامغا سېلىپ، بوش ئوتتا بەش مىنۇتچە قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ سەككىز سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ، يەنە بوش ئوتتا ئىككى- ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ، بېھىنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە يەنە 250 گىرام شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىمىز، بوش ئوتتا يەنە 15 مىنۇتچە قايناتقاندىن كېيىن، سۈزۈۋالغان بېھىنى يەنە سېلىپ ئىككى- ئۈچ مىنۇت بوش ئوتتا قاينىتىپ، ئوتتىن ئېلىپ 24 سائەت قويۇپ قويىمىز. 4. 24 سائەتتىن كېيىن ئۇنى بوش ئوتتا ئىككى- ئۈچ مىنۇت قاينىتىپ بېھىنى سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە قالغان شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، ئۈستىگە لىموننىڭ شىرنىسىنى قوشۇپ تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ 15 مىنۇتچە قاينىتىمىز، سۈزۈۋېلىنغان بېھىنى سېلىپ، بوش ئوتتا بەش مىنۇتچە قاينىتىپ ئوتتىن ئالىمىز، كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەسىرى: ئاشقازان، جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، سەپرا مىزاج كىشىلەرگە بەكمۇ مۇۋاپىق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125