خۇرۇچلىرى: يۇمىلاق قىزىل لوبۇدىن 300 گىرام، سامساقتىن تۆت چىش، كۈنجۈت قىيامىدىن 20 گىرام، ئاچچىقسۇدىن 10گىرام، تۇزدىن بىر قوشۇق، شېكەردىن بەش گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. يۇمىلاق قىزىل لوبۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، يىلتىزىنى كېسىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، چەيدونىڭ يېنى بىلەن يالپاقلاپ چالا ئېزىۋالىمىز. سامساقنىمۇ پاكىز تازىلاپ، چەيدونىڭ يېنى بىلەن يالپاقلاپ ئېزىۋالىمىز. 2. كۈنجۈت قىيامىغا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇپ، يۇمىلاق قىزىل لوبۇ ئۈستىگە قۇيىمىز، ئاندىن ئۈستىگە سامساق، تۇز، شېكەرلەرنى سېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)