خۇرۇچلىرى: تاۋۇزدىن 200 گىرام، سەۋزىدىن 200 گىرام، ھەسەلدىن بىر قوشۇق، لىمون شىرنىسىدىن بىر قوشۇق، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 50 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: تاۋۇزنىڭ ئېتىنى ئېلىپ، ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىمىز. سەۋزىنىڭ پوستىنى قىرىپ، يۇيۇپ توغرايمىز. بۇلارنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ، ھەسەل، لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ياز پەسلىدە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ، قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ. تاۋۇز تەركىبىدىكى قەنت ۋە تۇزلار سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ، تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى ئېرىمەيدىغان ئاقسىلنى ئېرىيدىغان ئاقسىلغا ئايلاندۇرىدۇ. يەنە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: سوغۇق تەبىئەتلىك كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، باھنى، ئاشقازاننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)