خۇرۇچلىرى: ئىچى قىزىل لوبۇ، قىزىل لازا يېغى، تۇز، ۋېيجىڭ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت يېغى، ئاشكۆكى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. ئىچى قىزىل لوبۇنى پاكىز ئاقلاپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. ئاندىن تۇز سۈيىدە يۇمشىتىمىز. 2. يۇمشىتىلغان تۇرۇپنىڭ ئۈستىگە ئاشكۆكى، تۇز، ۋېيجىڭ، ئاچچىقسۇ، قىزىل لازا يېغى قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىسسىق قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)