شوخلا مۇرابباسى تەييارلاش ئۇسۇلى (1)
10:16:22 2022-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

  خۇرۇچلىرى: پىشىپ تولۇق قىزارغان شوخلا 600 گىرام، ھەسەل 200 گىرام، شېكەر 100 گىرام، لىمون بىر دانە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. لىموننى پاكىز يۇيۇپ، ئىككى پارچە قىلىپ سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز. 2. شوخلىنى پاكىز يۇيۇپ، سىرلىق كورىغا سېلىپ ئۈستىگە چىلاشقۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ 30 مىنۇتچە دۈملەپ قويىمىز. 3. سوۋۇغاندا شوخلىنى سۇدىن ئېلىپ پوستىنى سويۇپ، پاكىز سىرلىق كورىغا سېلىپ، ئۈستىگە لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچتەك قىلىمىز. 4. ھەسەلنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن شېكەرنى سېپىپ، ئۇنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ بوش ئوتتا توختىماي قوچۇپ قويۇلغۇچە قاينىتىمىز. قويۇلۇپ ھالۋىدەك بولغاندا ئوتتىن ئالىمىز، كورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ، سوۋۇغاندا پاكىز، قۇرۇق قاچىغا ئېلىپ سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

  تەسىرى: قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان تولۇقلايدۇ، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  تەبىئىتى: سوغۇق.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125