ياڭاق مېغىزىلىق تورت پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:36:38 2022-07-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: يېڭى قوي يېغى يېرىم پىيالە، ھەسەل يېرىم پىيالە، ئاق شېكەر يېرىم پىيالە، تۇخۇم ئۈچ دانە، يانجىلغان ياڭاق مېغىزى ئىككى پىيالە، مېۋە سۈيى يېرىم پىيالە، سودا بىر قوشۇق، ئۇن ئىككى پىيالە.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. قوي يېغىنى جاۋۇرغا سېلىپ، سۈس ئوتتا قىزىتىۋېلىپ، ئۇنىڭدا ياڭاق مېغىزىنى بوش قورۇيمىز. ئوتنى پەسەيتىپ ھەسەل، شېكەر، مېۋە سۈيى قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. 2. تۇخۇم، سودا سېلىپ چېلىپ كۆپتۈرۈپ، جاۋۇردىكى خۇرۇچنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئوتتىن ئېلىپلا ئۇننى سېلىپ، بوش خېمىر تەييارلايمىز. 3.  دۇخوپكىنى قىزىتىپ، لېسنى تەكشى ياغلاپ، خېمىرنى بىرنەچچىگە بۆلۈپ، نېپىز لېسقا نېپىز قىلىپ قۇيۇپ، بىر- بىرلەپ پىشۇرىمىز. ئىككى قەۋەت ياكى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ھەربىر قەۋەتكە تەكشى كىرىم سۈركەپ، خالىغان شەكىلدە كېسىپ، ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 كىرىم: يېرىم پىيالە ئاق شېكەرنى ئىككى دانە تۇخۇم بىلەن ئوبدان كۆپتۈرۈپ، ئۈستىگە سۈت قۇيۇپ، سۇس ئوتتا ئاستا قاينىتىمىز. ئاستى كۆيۈپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا بىر قوشۇق سۈت پاراشوكى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپلا دەرھال ئوتتىن ئېلىپ قىيام تەييارلايمىز، قىيام سوۋۇغاندا بىر پىيالە سېرىق ماينى ئايرىم قاچىدا چېلىپ كۆپتۈرىمىز، ئۈستىگە قىيامنى بىر قوشۇقتىن قۇيۇپ يەنە كۆپتۈرۈپ كىرىم تەييارلايمىز.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125