خۇرۇچلىرى: تۇخۇم ئىككى دانە، يۇمران جۈسەي 150 گىرام، سۇياغ 30 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
قورۇش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ، تۇز سېلىپ قوچۇپ تەييارلايمىز. جۈسەينى پاكىز يۇيۇپ ناچار يوپۇرماقلىرىنى ئادالىۋېتىپ، ئۈچ- تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ تەييارلايمىز. قازانغا 20 گىرام ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنى سېلىپ چېچىلدۇرۇپ قورۇپ، سارغىيىپ چالىراق پىشقاندا قاچىغا ئۇسۇۋالىمىز. قازانغا 10 گىرام ياغ قۇيۇپ، تۆت دەرىجە قىزىغاندا جۈسەينى سېلىپ قورۇپ، جۈسەي 80 پىرسەنت پىشقاندا ئازراق تۇز سېلىپ، قورۇۋالغان تۇخۇمنى سېلىپ ئازراق قورۇپ، تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)