شىلەنخۇا قورۇمىسى قورۇش ئۇسۇلى
10:48:31 2022-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: شىلەنخۇادىن 200 گىرام، تېتىتقۇ، ئاق شېكەر، ئاقمۇچ ئۇنى، تۇز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 قورۇش ئۇسۇلى: پاكىز يۇيۇپ تازىلانغان شىلەنخۇانى قول بىلەن تىتىپ پارچىلاپ، قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز، ئاندىن قازانغا شىلەنخۇا چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، شىلەنخۇانى رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە تۇز، ئاقمۇچ ئۇنى، تېتىتقۇ، ئازراق شېكەر سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز ۋە بوش ئوتتا قويۇپ قاينىتىپ، ئۈستىگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالدىن ئازراق قۇيۇپ، سۈيى قويۇلۇشقا باشلىغاندا پارقىرىتىش ئۈچۈن، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغىدىن قۇيۇپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125