خۇرۇچلىرى: دۇفۇ 40 گىرام، كۆك- قىزىل لازىدىن 20 گىرام، سۇڭپىياز 20 گىرام، زەنجىۋىل بەش گىرام، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن ئۇنى بىر چىمدىم، سۇيېغى 100 گىرام، جياڭيۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، تۇز، قىزىل لازا يېغى قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.
قورۇش ئۇسۇلى: 1. دۇفۇنى چاقماق قەنت چوڭلۇقىدا تەكشى توغراپ، قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز. لازا، سۇڭپىياز، سامساقلارنى ئۇششاق چاسا توغرايمىز. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا، سۇڭپىياز، كۆك- قىزىل لازا، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ ئازراق قورۇپ، ئۈستىگە كاۋاۋىچىن ئۇنى، قىزىل لازا يېغى، تۇز ۋە شورپا قۇيىمىز. شورپا قاينىغاندا دۇفۇنى سېلىپ، تۇز- تەمىنى تەڭشەپ، جياڭيۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال سېلىپ، سۈيى قويۇقلىشىپ، يېغى ئۆرلىگەندە تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇققا مايىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)