خۇرۇچلىرى: دۇيادىن 300 گىرام، پالەك، سۇڭپىياز، سامساق، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيى، تېتىتقۇ، تۇز، سۇيېغى، پالەك قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
قورۇش ئۇسۇلى: 1. دۇيانى قايناق سۇغا بېسىپ سۈزۈۋالىمىز. غولپىياز، سامساق، پالەكلەرنى ئىنچىكە قەلەمچە توغرايمىز. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، قىزىغاندا دۇيانى، سۇڭپىياز، سامساقلارنى ئارقىمۇئارقا سېلىپ تېز- تېز قورۇپ، ئۈستىگە تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيى، تېتىتقۇ سېلىپ بىر- ئىككى ئۆرۈپ، ئاندىن پالەك سېلىپ، بىر ئۆرۈپ ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)