قۇرغاق تورت پىشۇرۇش ئۇسۇلى
18:04:07 2022-07-25

 خۇرۇچلىرى: قوي يېغى بىر پىيالە، تۇخۇمنىڭ سېرىقى تۆت دانە، تۇخۇم ئىككى دانە، ئاق شېكەر بىر پىيالە، يانجىلغان ياڭاق مېغىزى بىر يېرىم پىيالە، قۇرۇق ئۈزۈم يېرىم پىيالە، سودا بىر قوشۇق، يېتەرلىك ئۇن.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. قوي يېغىنى جاۋۇرغا قۇيۇپ، بوش ئوتتا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا ياڭاق مېغىزى سېلىپ، ياڭاقنىڭ پۇرىقى چىققۇچە قورۇيمىز، يەنە بىر قاچىغا تۇخۇم، شېكەرنى چېلىپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنى جاۋۇردىكى ياغ ئۈستىگە قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، سودا، ئۇن سېلىپ ئوتتىن ئالىمىز، ئاندىن قۇرۇق ئۈزۈم سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. 2. چوڭقۇر لېسنى ياخشى ياغلاپ، ئۇن سېپىپ، تەييارلانغان خېمىرنى لېسقا قۇيىمىز، ئاندىن دۇخوپكىنى ئوبدان قىزىتىپ، پەس تېمپېراتۇرىدا 35- 40 مىنۇت ئەتراپىدا قويۇپ پىشۇرىمىز. 3. لېسنى دۇخوپكىغا سېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىگە پىرەنىكتىن ئىككىنى نوغۇچ بىلەن ئۇۋاپ تورتنىڭ ئۈستىگە سېپىپ چىرايلىق بېزەيمىز.

 تەبىئىتى: ئىسسىق. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125