خۇرۇچلىرى: يوۋبەسەيدىن 400 گىرام، تۇز، ۋېيجىڭ، سامساق، جياڭيۇ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
قورۇش ئۇسۇلى: 1. يوۋبەسەينى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، قازاندا قايناۋاتقان قايناق سۇدىن ئۆتكۈزۈپ، سوغۇق سۇدا چايقايمىز. 2. سامساقنى ئۇششاق چاناپ، ئۈستىگە چۈچۈتۈلگەن ياغنى قۇيۇپ ياغ سامسىقى قىلىۋېلىپ، تۇز، ۋېيجىڭ، ئاز مىقداردا جياڭيۇ قۇيۇپ ئاندىن يوۋبەسەينىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، ئىلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: ئىچىنى بوشىتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇققا مايىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)