خۇرۇچلىرى: كۆك ئۈزۈمدىن 250 گىرام، ئالمىدىن 100 گىرام، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 50 مىللىلىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالمىنى يۇيۇپ ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئۇششاق توغرايمىز. ئۈزۈمنى يۇيۇپ، ھەممىسىنى مېۋە ئەزگۈچكە سېلىپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ قۇيۇپ، بىر- ئىككى مىنۇت ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستاكانغا قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ياخشى خىلىت ھاسىل قىلىپ، بەدەننى ھۆللەيدۇ، كەم قانلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كەم قانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئالما تەركىبىدىكى ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈر ئىيونى ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئوكسىدلىنىپ، سۇس يېشىلدىن قوڭۇرغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، شەربەت تەييارلىغاندا بىرەر تابلىت ۋىتامىن Cنى ئېزىپ قوشۇۋەتسەك، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)