خۇرۇچلىرى: قوناق ئۇنىدىن 400 گىرام، ئاق ئۇندىن 100 گىرام، تۇخۇمدىن ئىككى دانە، سۈتتىن 150 گىرام، ھەسەلدىن بەش گىرام، سۇياغدىن بىر كىلوگىرام.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئىككى تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ، چوكا بىلەن بەش مىنۇت قوچۇپ، ئۈستىگە سۈت، ھەسەل قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوناق ئۇنى بىلەن ئاق ئۇننى سېلىپ قوچۇپ، قويۇقراق ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈۋالىمىز. 2. ساپلىق قازانغا سۇياغ قۇيۇپ، تۆت دەرىجە قىزىغاندا ئۇن بوتقىسىنى قوشۇق بىلەن ئېلىپ بىرلا جايغا قۇيساق، كىچىك دۈگىلەك ھالەتكە كىرىدۇ. شۇ ئۇسۇلدا ئۇن بوتقىسىنى ساپلىق قازاننىڭ باشقا جايلىرىغا قۇيۇپ، پىشىپ لەيلەپ چىققانلىرىنى ئۇدۇللۇق تەخسىگە سۈزۈۋالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)