خۇرۇچلىرى: سېمىز قوينىڭ لوق گۆشىدىن 300 گىرام، سۇياغدىن 30 گىرام، لوبۇدىن 50 گىرام، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇلاردىن 50 گىرامدىن؛ پالەك، پىياز، سامساق، ئاقمۇچ، تۇز، ۋېيجىڭ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. گۆشنى مېغىز چوڭلۇقىدا، كۆكتاتلارنى بىر سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا نېپىز توغرايمىز. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ پىششىق قورۇيمىز، ئاندىن سەۋزە، چامغۇر، لوبۇ توغرالمىلىرىنى سېلىپ، ئۇلارنىمۇ پىششىق قورۇيمىز، ئاخىرىدا ياڭيۇنى سېلىپ بىرئاز قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز. 3. خۇرۇچلار پىشقاندا تۇز، ئاقمۇچ، ۋېيجىڭ، پالەك، شوخلا، پىياز، سامساق قاتارلىقلارنى سېلىپ، تەمىنى تەڭشەپ قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
تەسىرى: بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەبىئىتى: مۆتىدىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)