گۆشلۈك پولۇ ئېتىش ئۇسۇلى
17:58:37 2022-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خۇرۇچلىرى: لوق گۆشتىن ئىككى كىلوگىرام، پىيازدىن بىر باش، گۈرۈچتىن ئىككى يېرىم كىلوگىرام، سەۋزىدىن ئىككى يېرىم كىلوگىرام، ئەبجەش ياغدىن 600 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: گۈرۈچنى يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز. سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. پىيازنى چوڭ- چوڭ توغرايمىز. گۆشنى ئالىقان چوڭلۇقىدا يالپاقلاپ توغرايمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتە دەرىجە قىزىتىپ، پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ ئېلىۋېتىمىز، شاكىراب بىلەن ئەبجەش ياغنى داغلاپ، ئاچچىق پۇرىقىنى چىقىرىۋېتىپ، گۆشنى سېلىپ قىزارغۇچە قورۇيمىز، ئاندىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ يۇمشىغۇچە قورۇپ، سۇ قۇيۇپ 10مىنۇت قاينىتىمىز، تۇزىنى تەڭشەپ، ئوتنى سەل سۇسلىتىپ، گۈرۈچنى چويلا بىلەن سەۋزىنىڭ ئۈستىگە تەكشى سالىمىز. ئوتنى كۈچلەندۈرۈپ 10 مىنۇت قاينانقاندىن كېيىن، ئۈستىدىكى خام گۈرۈچلەرنى بىر چەتكە يىغىپ، ئاستىدىكى پىشقان گۈرۈچلەرنى يەنە بىر تەرەپكە يىغىپ (سەۋزىگە تەگكۈزمەيمىز)، خام گۈرۈچلەرنى ئاستىغا، پىشقىنىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆرۈپ، يەنە بىرنەچچە مىنۇت قاينىتىپ، قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئالا قالغىنى بولمىسا ئوتنى سۇسلىتىپ، تۇۋاقنى يېپىپ  10-15 مىنۇت دۈملەيمىز. پولۇ پىشقاندىن كېيىن گۆشلەرنى ئېلىپ، پولۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە گۆشنى باسساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125