گۆش- پىياز جۇۋاۋىسى ئېتىش ئۇسۇلى
12:00:02 2022-07-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گىرام، لوق گۆشتىن 350 گىرام، پىيازدىن 300 گىرام، تۇز، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ، خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، ئازراق سۇ، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئاقمۇچنى گۆشكە قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز. 3. تىنغان خېمىرغا قايتا ئىشلەپ پىلتا قىلىپ، زۇۋۇلا ئۈزۈپ بېسىپ يالپاقلاپ، چۆرىسى نېپىز، ئوتتۇرىسى قېلىن جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى مۇۋاپىق سېلىپ، چېتىنى پۈكۈپ ياي شەكلىدە جۇۋاۋا تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ، جۇۋاۋا لەيلەپ چىقىپ كۆپكەندە ئازراق سۇ تېمىتىپ، بوش ئوتتا قاينىتىمىز. جۇۋاۋا پىشقاندا يەنە ئازراق سۇ تېمىتىپ سەل تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سۈزۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125