خۇرۇچلىرى: بىر توخۇنىڭ گۆشى، سۇياغدىن بىر كىلو 500 گىرام، شاكال بەدىياندىن ئىككى گىرام، زەنجىۋىل بەش گىرام، كاۋاۋىچىندىن ئىككى گىرام، سۇڭپىيازدىن 40 گىرام، سامساقتىن 20 گىرام، كۆك لازىدىن 100 گىرام، قۇرۇتۇلغان ئۇچلۇق قىزىل لازىدىن 30 گىرام، جياڭيۇ، شېكەر، سېرىق ھاراق، ۋېيجىڭ، تۇز قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. توخۇ گۆشىنى ياڭاق چوڭلۇقىدا توغراپ، تۇز، جياڭيۇ قاتارلىق دورا- دەرمانلارنى سېلىپ تەم كىرگۈزىمىز، كۆك لازا، سۇڭپىياز، سامساقلارنى چوڭ- چوڭ توغرايمىز، قۇرۇتۇلغان قىزىل لازىنى قىزىق سۇغا چىلاپ قويىمىز. 2. قازانغا سۇياغنى قۇيۇپ بەش دەرىجە چۈچۈتۈپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ، سېرىق ھاراقتىن ئازراق قۇيۇپ، رەڭگى قىزارغۇچە قورۇپ سۈزۈۋالىمىز. 3. قازاندا ئازراق سۇياغنى قالدۇرۇپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايغاندا توخۇ گۆشى، چىلانغان ئۇچلۇق قىزىل لازا، شېكەر قاتارلىقلارنى ئازراق سېلىپ، ئۈستىگە توخۇ گۆشى چىلاشقۇدەك شورپا قۇيىمىز، پەس ئوتتا توخۇ گۆشى تولۇق پىشقۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە توغرالغان كۆك لازا سېلىپ، بىر- ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، ۋېيجىڭ، تۇز سېلىپ تاۋاققا ئالساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: يەرلىك توخۇ گۆشى ئاسان پىشمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توخۇ گۆشىنى ئايرىم پىشۇرۇۋېلىپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا تەييارلىساقمۇ بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)