ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش ئەقەللىي قائىدە. بىراق كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇلار قەرز ئالغان ۋاقىتتا قەرز ئالغۇچىغا قىلمىغانلىرى قالمايدۇ، قەرزنى ئېلىۋېلىپلا يۈز ئۆرۈيدۇ، تونۇماسقا سالىدۇ، ھەتتا قەرز ئالغىنىدىن تېنىۋالىدۇ. شۇڭا باشقىلارغا قەرز بېرىپ تۇرغاندا قەرز بەرگۈچى چوقۇم قەرز بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ ھەم شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشى، بۇ ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي زىيان ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.