خۇرۇچلىرى: بىر توخۇنىڭ گۆشى، ئاق ناندىن بىر دانە، يۇمغاقسۈت، تۇز، شاكال بەدىيان، جياڭيۇ، قوۋزاقدارچىن، زەنجىۋىل، ۋېيجىڭ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ، يۇقىرىدىكى دورا- دەرمەكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، چوڭ- چوڭ توغرالغان توخۇ گۆشى بىلەن قوشۇپ قاينىتىمىز، توخۇ گۆشى پىشقاندا سۈزۈۋېلىپ، چاقماق قەنت چوڭلۇقتا توغرايمىز. 2. بىر دانە ناننى سەككىز پارچە توغراپ ناننىڭ شەكلىنى بۇزماي تەخسىگە رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە توخۇ گۆشىنى سېلىپ، توخۇ گۆشى شورپىسىدىن ئازراق قۇيۇپ، يۇمغاقسۈتنى تەكشى چېچىپ زىننەتلىسەكلا بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)