ئاشمانتا ئېتىش ئۇسۇلى
11:36:11 2022-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: لوق گۆشتىن بىر يېرىم كىلوگىرام، گۈرۈچتىن ئىككى يېرىم كىلوگىرام، سەۋزىدىن ئىككى كىلوگىرام، ئەبجەش ياغدىن 700 گىرام، پىيازدىن 800 گىرام، ئاق ئۇندىن بىر يېرىم كىلوگىرام، ئاقمۇچ، تۇز، زىرە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. گۈرۈچنى يۇيۇپ سۇغا چىلاپ قويىمىز. سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ تەييارلىۋالىمىز. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، ئازراق تۇز، سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز. پىيازنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، ئەبجەش ياغ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، گۆشنى سېلىپ قىيما تەييارلىۋالىمىز. ئۇنغا تۇزنى ئۆتكۈزۈپ سېلىپ، خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ تىندۇرۇپ قويىمىز. 2. قازانغا ياغنى قۇيۇپ ئالتە دەرىجە قىزىغاندا، ئازراق پىياز سېلىپ داغلاپ، مەززىلىك پۇراق چىققاندا سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، سەۋزە كۆيۈپ كېتەي دېگۈچە قورۇپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز. بۇ جەرياندا خېمىرنى زۇۋۇلا قىلىپ تىندۇرۇپ، نېپىز جىلتا ئېچىپ يەتكۈدەك مانتا تۈگۈۋالىمىز. 3. قورۇمىنىڭ تۇز- تەمىنى تەڭشەپ، قازانغا گۈرۈچنى سېلىپ بىر قاينىتىپ، گۈرۈچنى بىر قۇر ئۆرۈپ، ئۈستىگە مانتىلارنى تىزىپ دۈملەيمىز. بەش مىنۇت قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ 15 مىنۇت دۈملەيمىز. ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن مانتىنى ئېلىۋېتىپ، ئاشنى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنگە ئېلىپ، ئۈستىگە مانتىلارنى تىزىپ قويساق بولىدۇ. 

 تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125