خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گىرام، لوق گۆشتىن 200 گىرام، ئەبجەش ياغدىن 70 گىرام، يۇمران جۈسەيدىن 600 گىرام، ئاقمۇچ، پىياز، تۇز، ئەتكەن قىزىل لازا، ئاچچىقسۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. تۇزنى يېتەرلىك سېلىپ، خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز. 2. گۆش بىلەن جۈسەي، پىيازلارنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغراپ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. 3. خېمىرغا قايتا ئىشلەپ پىلتا قىلىپ زۇۋۇلا ئۈزۈپ، چۆرىسى نېپىز، ئوتتۇرىسى قېلىن جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى سېلىپ ياي شەكلىدە تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ، پات- پات سۇ تېمىتىپ پىشۇرۇپ لېگەنگە ئېلىپ، ئەتكەن قىزىل لازا، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)