خۇرۇچلىرى: كالا گۆشىدىن 300 گىرام، پىششىق قوي گۆشىدىن 200 گىرام، دۇفۇدىن 200 گىرام، ئىسسىق سۇغا چىلانغان پىنتوزىدىن 200 گىرام، شوخلىدىن بىر دانە، قىزىل لازىدىن بىر تال، پالەكتىن ئىككى تۈپ؛ تۇز، سۇياغ، كىراخمال، زەنجىۋىل، ئاقمۇچ، جياڭيۇ، پىياز، ۋېيجىڭ، سامساقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. كالا گۆشىنى يۇمشاق چاناپ، تۇز، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، پىياز سۈيى، ئازراق كىراخمال سېلىپ قىيما قىلىمىز، ئاندىن قىيمىنى گۈلىدەك چوڭلۇقتا ۋەنزە قىلىپ، قىزىق ياغقا سېلىپ قىزارتىپ پىشۇرۇۋالىمىز. 2. قازانغا شورپا قۇيۇپ، ئۇنىڭغا پىششىق قوي گۆشىنى نېپىز توغراپ، پىنتوزا، دۇفۇ، ۋەنزىلەر بىلەن بىللە سالىمىز. ئارقىدىن تۇز، ئاقمۇچ، ۋېيجىڭ، جياڭيۇ، پىياز، سامساق، پالەك، قىزىل لازا، شوخلا توغرامچىلىرىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، قاچىغا ئالساق بولىدۇ.
تەسىرى: بەدەنگە كالتسىي تولۇقلايدۇ، ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ. ئاشقازىنىنىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەنلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇققا مايىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)