تۇخۇم شورپىسى ئېتىش ئۇسۇلى
16:34:00 2022-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: يېڭى تۇخۇمدىن ئۈچ دانە، شورپىدىن ئىككى چىنە، كىراخمالدىن بەش گىرام، پالەكتىن بىر تۈپ، قىزىل لازىدىن بىر تال، يۇمغاقسۈتتىن ئىككى تۈپ؛ ئاقمۇچ، تۇز، ۋېيجىڭ، پىياز، كۈنجۈت يېغى، جياڭيۇ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قازانغا شورپا قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز، ئاقمۇچ، كىراخمال سېلىپ تەييارلايمىز. 2. تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ئۇزاق قوچۇپ، قايناۋاتقان شورپىغا يېيىلدۇرۇپ قۇيىمىز. 3. تۇخۇم ياپراقچىلىرى لەيلەپ چىققان ھامان كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، بىرنەچچە تامچە جياڭيۇ، ۋېيجىڭ، توغرالغان پالەك، يۇمغاقسۈت، پىياز، ئىككى توغرام قىزىل لازا سېلىپ تەمىنى قايتا تەڭشەپ، قاچىغا ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئۈچ تامچە كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ قويساق بولىدۇ.

 تەسىرى: ئاقسىل تولۇقلايدۇ. بۇ شورپا قېرى، ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 تەبىئىتى:مۆتىدىل.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125