قورۇما شورپىلىق جۇۋاۋا ئېتىش ئۇسۇلى
17:33:11 2022-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: لوق گۆشتىن 200 گىرام، سەۋزىدىن 50 گىرام، چامغۇردىن 50 گىرام، پالەكتىن تۆت تۈپ، سۇياغدىن 50 گىرام، شوخلىدىن بىر تال، پىياز، سامساق، تۇز، ئاقمۇچ، ۋېيجىڭ، جياڭيۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز ھەم ئۆزىمىز خالىغان كۆكتاتتىن قىيما قىلىپ جۇۋاۋا تۈگىمىز. 2. گۆشنى ئۇششاق توغرايمىز، سەۋزە، چامغۇرنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا نېپىز توغرايمىز. باشقا كۆكتاتلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ توغرايمىز. ساپلىق قازانغا سۇياغنى قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان گۆشنى سېلىپ پىششىق قورۇپ، پىياز، سامساق، سەۋزە، چامغۇر توغرالمىلىرىنى سېلىپ پىششىق قورۇپ، قالغان تېتىتقۇلارنى سېلىپ، يېتەرلىك سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز. 3. ئايرىم قازانغا سۇ قۇيۇپ، جۇۋاۋىنى سېلىپ پىشۇرۇپ چوڭ چىنىلەرگە سۈزۈۋېلىپ، ئۈستىگە توغرالغان شوخلا، پالەك سېلىپ، تەييارلانغان قورۇما شورپىسىنى قۇيۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125