خۇرۇچلىرى: لوق گۆشتن 800 گىرام، گۈرۈچتىن بىر كىلوگىرام، سەۋزىدىن بىر كىلوگىرام، نوقۇتتىن 300 گىرام، چامغۇردىن 500 گىرام، ئەبجەش ياغدىن 300 گىرام؛ تۇز، پىيازدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: نوقۇتنى قىزىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ، ئايرىم قازاندا قاينىتىپ، يۇمشاق پىشۇرۇۋالىمىز. گۈرۈچنى يۇيۇپ سۇغا چىلايمىز. سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. گۆشنى پارچىلاپ داغلانغان قىزىق ئەبجەش ياغدا قىزارغۇچە قورۇيمىز، تەرتىپ بويىچە پىياز ۋە سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز- تەمىنى تەڭشەپ، نوقۇتنى سەۋزىنىڭ ئۈستىگە، نوقۇتنىڭ ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ، بىر قۇر ئۆرۈپ دۈملەيدىغان چاغدا، چامغۇرنى تۆت سانتىمېتىر قېلىنلىقتا توغراپ، پولۇنىڭ ئۈستىگە رەتلىك تىزىپ دۈملەيمىز. پولۇ پىشقاندا چامغۇرنى ئېلىۋېلىپ، پولۇنى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە گۆش، چامغۇرنى ئايرىم- ئايرىم بېسىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)