خاسىڭ- توخۇ گۆشى قورۇمىسى قورۇش ئۇسۇلى
17:33:09 2022-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: توخۇنىڭ تۆش گۆشىدىن 300 گىرام، سۇياغدىن بىر كىلوگىرام، خاسىڭ مېغىزىدىن 100 گىرام، قۇرۇتۇلغان قىزىل لازىدىن بىر تال، تۇخۇمدىن بىر دانە، سۇڭپىيازدىن 50 گىرام، سامساقتىن بىر باش؛ ئاق شېكەر، ئاچچىقسۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، ۋېيجىڭ، ئاقمۇچ تالقىنى، قىزىل لازا يېغى، جياڭيۇ، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 قورۇش ئۇسۇلى: 1. توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى خاسىڭ مېغىزى چوڭلۇقىدا تەكشى توغرايمىز. خاسىڭ مېغىزىنى مايدا پىشۇرۇپ، پوستىنى سويۇپ ئاقلىۋالىمىز. 2. توغرالغان توخۇ گۆشىگە تۇخۇم ئېقى، تۇز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، زەنجىۋىل سۈيى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەم كىرگۈزىمىز. ئاندىن بىر چىنە شورپىغا جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل سۈيى، ۋېيجىڭ، ئاق شېكەر، ئاقمۇچ تالقىنى، تۇز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ شىرنە تەييارلايمىز. 3. قازانغا سۇياغنى قۇيۇپ بەش- ئالتە دەرىجە قىزىغاندا، تەم كىرگۈزۈلگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، رەڭگى سارغايغاندا سۈزۈۋالىمىز. 4. قازاندا ئازراق سۇياغنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا توغرالغان لازا، سۇڭپىياز، سامساقنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىگە توخۇ گۆشى بىلەن خاسىڭ مېغىزىنى سېلىپ قورۇپ، تەييارلانغان شىرنىنى قۇيۇپ، بىرنەچچە ئۆرۈپ ئازراق قىزىل لازا يېغى سېلىپ، تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىققا مايىل.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125