سۇڭپىياز- تۇخۇم قورۇمىسى قورۇش ئۇسۇلى
19:00:25 2022-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: تۇخۇم تۆت دانە، سۇڭپىياز 100 گىرام، سۇياغ 60 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كۆك- قىزىل لازىدىن يېرىم تالدىن.

 قورۇش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ تەييارلايمىز. سۇڭپىيازنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغراپ، تۇخۇم سۇيۇقلۇقىغا قوشۇپ، ئازراق تۇز سېلىپ قوچۇپ تەييارلايمىز. كۆك - قىزىل لازىنى پۇرچاقتەك ئۇششاق توغرايمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنى تۆكۈپ ئوتتۇرا ھال ئوتتا قورۇپ، پىشاي دېگەندە چۆمۈچنىڭ كەينى بىلەن تۇخۇم قورۇمىسىنى سوقۇپ تەكشى ئېزىپ، قورۇمىنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ سۇس ئوتتا بىردەم تۇرغۇزۇپ، تەخسىنى قورۇمىنىڭ ئۈستىگە يېپىپ، سول قولدا ساپلىقنى تۇتۇپ، ئوڭ قول بىلەن تەخسىنىڭ تېگىنى تۇتۇپ دۈم قىلىپ، قورۇمىنىڭ شەكلىنى پۈتۈن ھالدا تەخسىگە چۈشۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك- قىزىل لازىنى سېپىپ، پەردازلاپ قويساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125