قاق سامسىسى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
18:57:08 2022-07-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: يېڭى قوي يېغى بىر پىيالە، سۈت يېرىم پىيالە، تۇخۇم بىر دانە، ئازراق سودا، ئاق شېكەر بىر چوڭ قوشۇق، تۇز بىر چىمدىم، ئۇن ئىككى پىيالە ئەتراپىدا.

 پىشۇرۇش ئۈسۇلى: 1. قوي يېغىنى جاۋۇردا چېلىپ، ئاقارغۇچە كۆپتۈرۈپ، ئۈستىگە تۇخۇم، شېكەر سېلىپ يەنە كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تۇز، سودا سېلىپ، ئاندىن تۈگۈرچەك ھاسىل بولغۇچە ئۇن سالىمىز. ئۇنىڭغا سۈت قۇيۇپ، سۇيۇقلاشتۇرۇپ، يەنە ئازراق ئۇن سېلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز، خېمىرنى ئوبدان چەيلەپ سالقىن جايدا 20 مىنۇتتەك تىندۇرىمىز. 2. خېمىرنى تۇخۇمدىن كىچىكرەك زۇۋۇلا قىلىپ، نوغۇچ بىلەن نېپىز جىلتا ئېچىپ، تەييارلانغان قىيمىدىن بىر كىچىك قوشۇق سېلىپ، گۆشناننى تۈگكەندەك تۈگىمىز. تېشىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قاق سامسىنىڭ يان تەرىپىگە ۋىلكا ياكى ئىنچىكە ياغاچ سانجىپ، يىڭنە كۆزىدەك تۆشۈك ئېچىپ قويىمىز. تۈگۈپ تەييارلانغان قاق سامسىنى لېسقا تىزىپ، قىزىغان دۇخوپكىغا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرساق بولىدۇ.

 قاق سامسىنىڭ قىيمىسى: بىر ئارا چىنە چانالغان سېرىق قاققا ئىككى قوشۇق شېكەر سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز ياكى ھەر خىل چۈچۈمەل تەييار ۋارىنىلەرنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

  تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125