خۇرۇچلىرى: گۆشتىن 100 گىرام، گۈرۈچتىن 600 گىرام، سەۋزىدىن 600 گىرام، توخۇ تۇخۇمىدىن ئالتە دانە، سۇياغدىن 200 گىرام، تۇز، پىيازدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: گۈرۈچنى يۇيۇپ سۇغا چىلايمىز، سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. قازانغا سۇياغنى قۇيۇپ قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قىزارغۇچە قورۇيمىز، ئارقىدىن پىياز ۋە سەۋزىنى تەرتىپ بويىچە سېلىپ، سەۋزە قورۇلغۇچە قورۇپ، سۇ قۇيۇپ تۇز- تەمىنى تەڭشەپ 10 مىنۇت قاينىتىمىز. ئاندىن گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ، بىر قۇر ئۆرۈپ، دۈملەپ پىشاي دېگەندە، پولۇنىڭ ئۈستىدىن كەپكۈر بىلەن ئالتە دانە ئورەك چىقىرىپ، ھەربىر ئورەككە بىر تالدىن تۇخۇمنى چېقىپ، تۇۋاقنى ھىم يېپىپ 10 مىنۇت دۈملەيمىز. پىشقان تۇخۇملارنى ئايرىم قاچىغا ئېلىۋېلىپ، پولۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنگە ئېلىپ، ئۈستىگە گۆش بىلەن تۇخۇمنى چىرايلىق باسساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)