خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گىرام، لوق گۆشتىن 200 گىرام، بەسەيدىن 500 گىرام، پالەكتىن 1000 گىرام، پىيازدىن 20 گىرام، ئەبجەش ياغدىن 80 گىرام، تۇز، ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. پالەكنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، داكىغا سېلىپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سوغۇق سۇ، تۇز بىلەن قوشۇپ ئۇنغا قۇيۇپ، خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ تەييارلايمىز. 2. بەسەي، گۆش، پىيازلارنى ئايرىم- ئايرىم ئۇششاق توغراپ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ قىيما قىلىمىز. 3. يېشىل رەڭلىك خېمىرنى ئادەتتىكىدەك زۇۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتا ئېچىپ جۇۋاۋا تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ. قىيمىغا بىر تال قىزىل لازا توغرىۋەتسەك تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
تەبىئىتى: سوغۇققا مايىل.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)