توخۇ شورپىسى ئېتىش ئۇسۇلى
18:59:00 2022-07-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: توخۇ گۆشىدىن 500 گىرام، كۆك لازىدىن بىر تال، پىيازدىن بىر باش؛ ئالقات، ئاقمۇچ، قاقىلە، قوۋزاقدارچىن، زەنجىۋىل، تۇز قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. توخۇ گۆشىنى ئۈچ سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغراپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ، بىر قاينىتىپ كۆپۈكىنى پاكىز ئېلىۋېتىپ، قان پۇرىقى، غەيرىي پۇراقنى چىقىرىۋېتىپ سۈزۈۋالىمىز. 2. قازاننىڭ سۈيىنى يەڭگۈشلەپ، گۆشنى سېلىپ قاينىغاندا ئوتنى بوش قىلىپ، دورا- دەرمەكلەرنى ئاز- ئازدىن سالىمىز ۋە پىيازدىن بىرنى سېلىپ، گۆش يۇمشاق پىشقۇچە قاينىتىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن پىيازنى ئېلىۋېتىپ، كۆك لازا توغرالمىسىنى سېلىپ، تەمىنى قايتا تەڭشەپ، قاچىغا ئالساق بولىدۇ.

 تەسىرى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، تۇغۇتتىن يېڭى قوپقان ئاياللارغا، يېڭى ئوپېراتسىيە قىلىنغان بىمارلارغا ناھايىتى ياخشى ئوزۇق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: مۆتىدىل.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125