كۈنجۈتلۈك توخۇ گۆشى قورۇمىسى قورۇش ئۇسۇلى
19:04:32 2022-07-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: توخۇنىڭ تۆش گۆشىدىن 300 گىرام، سۇياغدىن 50 گىرام، پىششىق كۈنجۈتتىن 1000 گىرام، تۇخۇمدىن بىر دانە، سۇياغدىن بىر كىلوگىرام؛ كاۋاۋىچىن تالقىنى، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، ۋېيجىڭ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.

 قورۇش ئۇسۇلى: 1. توخۇنىڭ تۆش لوق گۆشىنى نېپىز توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، تۇخۇم، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، كاۋاۋىچىن تالقىنى، زەنجىۋىل تالقىنى، ۋېيجىڭ قاتارلىقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەم كىرگۈزىمىز، ئاندىن قورۇپ تەييارلانغان كۈنجۈتكە تەكشى مىلەپ، كۈنجۈتنى يېپىشتۇرىمىز. 2. قازانغا سۇياغنى قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىغاندا، كۈنجۈتلۈك توخۇ گۆشىنى بىر- بىرلەپ سۇياغقا سېلىپ، لەيلەپ رەڭگى سارغايغاندا سۈزۈۋېلىپ، چوكا توملۇقىدا قەلەمچە توغراپ، تەخسىگە تىزساق بولىدۇ.

 تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125