خۇرۇچلىرى: توخۇ گۆشىدىن (سۆڭەكلىك 400 گىرام، سۇياغدىن بىر كىلوگىرام، تۇخۇمدىن بىر دانە، كۆك- قىزىل لازىدىن 100 گىرامدىن، سۇڭپىيازدىن 50 گىرام، سامساقتىن بىر باش؛ زەنجىۋىل سۈيى، جاڭيۇ، كاۋاۋىچىن يېغى، ۋېيجىڭ، كىراخمال، تۇز قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. توخۇ گۆشىنى (سۆڭىكى بىلەن) چاقماق قەنت چوڭلۇقىدا توغرايمىز، كۆك- قىزىل لازا، سۇڭپىياز، سامساق قاتارلىقلارنى يالپاق توغرايمىز. توغرالغان گۆشكە جاڭيۇ، تۇز، بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمالدىن مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەم كىرگۈزىمىز. 2. بىر چىنىدە شىرنە (بىر چىنە شورپىغا تېتىغۇدەك تۇز، جاڭيۇ، زەنجىۋىل سۈيى، ۋېيجىڭ، كىراخمالدىن مۇۋاپىق سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ) تەييارلايمىز. 3. قازانغا سۇياغنى قۇيۇپ ئالتە- يەتتە دەرىجە قىزىغاندا، تەم كىرگۈزۈلگەن توخۇ گۆشىنى سۇياغقا تېز- تېز سېلىپ، مونەكلەشتۈرۈپ قويماي قورۇيمىز، رەڭگى قىزارغاندا چويلا بىلەن سۈزۈۋالىمىز، توغرالغان لازىنىمۇ سۇياغدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز. 4. قازاندا ئازراق سۇياغنى قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، لازا، توخۇ گۆشى، سامساقلارنى سېلىپ بىر- ئىككى ئۆرۈپلا، تەڭشەلگەن شورپىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇپ، كاۋاۋىچىن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، بىر- ئىككى ئۆرۈپلا تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)