خۇرۇچلىرى: توخۇ قانىتىدىن 10 دانە، سۇياغدىن بىر كىلوگىرام، تۇخۇمدىن ئىككى دانە؛ ئالىي ئاق ئۇن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، كاۋاۋىچىن تالقىنى، ۋېيجىڭ، تۇز، ساقلانغان شورپا قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: پاكىز تازىلانغان توخۇ قانىتىنى ساقلانغان شورپىدا يۇمشاق پىشۇرۇپ، تۇخۇم، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، ئازراق ئاق ئۇن قاتارلىقلارغا مىلەپ، قىزىغان سۇياغدا بىر- بىرلەپ پىشۇرۇپ، رەڭگى سارغايغاندا سۈزۈۋېلىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىمىز. ئىستېمال قىلغاندا ئۈستىگە سېپىلىدىغان دورا- دەرمەكلەر ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ، شۇڭا كىچىك تەخسىدە ئايرىم قويۇلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)