كۈنجۈتلۈك تورت پىشۇرۇش ئۇسۇلى
17:05:37 2022-08-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى بىرىكتۈرگەن

 خۇرۇچلىرى: سۇياغ بىر پىيالە، ئاق شېكەر بىر پىيالە، تۇخۇم ئىككى دانە، كۈنجۈت بىر پىيالە، سۈت بىر پىيالە، سېرىق قوناق ئۇنى بىر چوڭ قوشۇق، ئۇن ئىككى پىيالە، سودا كىچىك بىر قوشۇق.

 پىشۇرۇش ئۇسۇلى: 1. سۇياغنى جاۋۇرغا قۇيۇپ، ئوتقا قويۇپ چۈچۈتۈپ، ئوتنى پەسەيتىپ، ئۇنىڭغا كۈنجۈتنى سېلىپ پۇرىقى چىققۇچە قورۇپ، ئۈستىگە سېرىق قوناق ئۇنىنى سېلىپ، بىر- ئىككى ئارىلاشتۇرۇپ ئوتتىن ئالىمىز. 2. ئايرىم قاچىدا تۇخۇم بىلەن شېكەرنى چېلىپ كۆپتۈرۈپ، ياغنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە سودا سېلىپ چېلىپ كۆپتۈرۈپ، سۈت، ئۇن قوشۇپ بوشراق خېمىر تەييارلايمىز. 3. لېسنى تەكشى ياغلاپ، خېمىرنى چوڭقۇر لېسقا قۇيۇپ، قىزىغان دۇخوپكىغا سالىمىز. بۇنى سارغايتىپ پىشۇرىدىغان بولغاچقا، دۇخوپكىنى بىر ياندۇرۇپ، بىر ئۆچۈرۈپ تۇرۇپ پىشۇرىمىز، پىشۇرۇش ۋاقتى 35 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. پىشىپ چىققاندىن كېيىن بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى بىر قوشۇق شېكەر بىلەن چېلىپ كۆپتۈرۈپ، چوتكا بىلەن تورتنىڭ ئۈستىگە سۈركەيمىز، ئاندىن كۈنجۈتنى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تورتنىڭ ئۈستىگە چاچساق تورت تەييار بولىدۇ.

 تەبىئىتى: ئىسسىق.

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «يېمەك- ئىچمەك رىسالىسى»ناملىق كىتاب

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125