يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى كىرىش كەنتىدىكى قوتاز باقمىچىلىق بازىسىدا، نەچچە يۈز تۇياق قوتاز ئۇيان- بۇيان چېپىپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرگەنىدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، «ياچېيكا يېتەكلەش، <ئىككى كومىتېت> ئۈلگە كۆرسىتىش، ئامما قاتنىشىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، قوتاز باقمىچىلىقى ئاخىرى كىرىش كەنتىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۈچ بىرلەشمە ئائىلە قوتاز باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 20دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ قوتاز بېقىشىغا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن كەنتتىكى قوتازنىڭ قوتان قالدۇقى ئالتىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىر 2000دىن كۆپرەككە يەتتى. قوتاز بېقىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرلار: خۇ رېنجيې، ۋاڭ لۇڭجياڭ، خۇاڭ شۈنجېن
پايدىلانغان مەنبە: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)