ئائىلىمىزنىڭ بۇ ئون يىلى | ئەخمەت خوجا ئەر- خوتۇن: باقمىچىلىققا تايىنىپ «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىۋەتتۇق
23:21:49 2022-09-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  

ئەخمەت خوجا ئۆزىنىڭ كالا قوتىنىدا موزاي بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. ۋۇ لې فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لې 

 9- ئاينىڭ 18- كۈنى سەھەر قۇياشىنىڭ تۇنجى نۇرى كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەخمەت خوجىنىڭ ھويلىسىغا چۈشتى، خوتۇنى ئاسىيەم ئەخمەت پاكىز، رەتلىك ئاشخانىغا كىرىپ، گاز ئوچىقىنى ئېچىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ناشتىلىق تەييارلىدى. ئەخمەت ئۇدۇل ئارقا ھويلىدىكى ئىسسىق قوتانغا كىرىپ، كالا، قويلارغا يەم- خەشەك بەردى. 

  ئەخمەت بىر باغلام يېڭى ئوت- چۆپنى چاققانلىق بىلەن ئۇۋىتىش ماشىنىسىغا سالدى، «غۇڭ- غۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن، ئۇششاق چانالغان يەم- خەشەك چىقىش ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ناھايىتى تېزلا بوش يەرگە دۆۋىلىنىپ كەتتى. ئەخمەت ئۇششاق چانالغان ئوت- چۆپنى كۈرەك بىلەن ئوقۇرغا چاچتى، قوي- كالىلار ئولىشىپ كېلىپ تالىشىپ يېيىشكە باشلىدى. يەم، سۇ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئەخمەت يەنە كالا، قوي قىغىنى تازىلىدى. قوتاندىكى كالا، قويلارنىڭ بىر- بىرىدىن سېمىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ چىرايىدا مەمنۇنلۇق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. 

 ئون يىل بۇرۇن ئەخمەت ئائىلىسىنىڭ قىياپىتى باشقىچە ئىدى. ئېتىزدىن ئېلىنغان ھوسۇل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېيىشىگە ئاران يېتەتتى، بەل ئاغرىقى تۈپەيلىدىن ئۇ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلالمىغاچقا، ئائىلىسىگە قوشۇمچە تاپاۋەت قىلىش ئۈچۈن كەنتتە پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈردى. ھال- كۈنى تازا ياخشى بولمىغاچقا، ئەخمەت تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى بارا- بارا يوقىتىپ قويغانىدى. 2016- يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قىلىپ بېكىتىلدى. 

 «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسى بەك ئېغىر ئىدى، بىزنىڭ ياردەم بېرىشىمىز- يۆلىشىمىزگىلا قاراپ قالغانىدى.» كۇچا شەھەرلىك يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ دۆڭقوتان بازىرى لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ سۇڭشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنت كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كۆپ قېتىم ئەخمەت بىلەن سىرداشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى چارىسى ئىزدەشتى، دەسلەپتە ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلىپ كەتمىدى. بىر قېتىم ۋاڭ سۇڭشىن ئەخمەتنىڭ بىر جۈپ پەرزەنتىگە قاراپ مۇنداق دېدى: «بالىلار چوڭ بولۇۋاتىدۇ، قىزىڭىز كەلگۈسىدە ياتلىق بولىدۇ، ئوغلىڭىزمۇ ئۆيلىنىدۇ، تىرىشىڭ، بالىلىرىڭىزغا ئوبدان ئۈلگە بولۇڭ.» ئەخمەت جىمىپ قالدى، بۇ گەپ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغاندەك بولدى. 

 ئەخمەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى. 2016- يىلى 11- ئايدا لەڭگەر كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ ياردەم بېرىش- يۆلەش سىياسىتىنى تۈزۈپ، ئەخمەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىپ بېرىپ، ئون نەسىللىك قوي سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە بازارلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى ئۇنىڭغا ئىلمىي پەرۋىش قىلىش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. قويلارنىڭ بارغانسېرى سېمىز بېقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېھرىدە تېپىلغۇسىز تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. «خوتۇن- بالىلىرىمنىڭ خۇشاللىقىغا قاراپ، ياردەم بېرىش سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، ئىلگىرىكى كۈنلىرىمنى قانداقمۇ ئۇنداق ئۆتكۈزگەندىمەن؟ دەپ ئويلىدىم، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىسام، شۇ «ھۇرۇنلۇق» قىپتىمەن.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشكە بەل باغلىدىم. 

 ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەخمەت ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىدى. ھەر كۈنى سەھەردە ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قوي قوتىنىنى تازىلاپ، قويلارغا يەم- سۇ بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ باقتى. ساغلىق تۇنجى قېتىم قوزىلىغاندا، ئەر- خوتۇن ئىككىسى كېچە- كۈندۈز قوتاننىڭ يېنىدا ساقلىدى، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلمىدى. قوي قوتىنىدا قوي بارغانسېرى كۆپەيدى، بىر قىسىم قوي سېتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قولىمۇ پۇل كۆردى. ئىككى يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسى قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولۇپ، بېشىدىكى «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىۋەتتى. 

 نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئەخمەت يەنە ئۆزىگە يېڭى بېيىش نىشانىنى بېكىتتى، ئۇ بولسىمۇ كۆپرەك قوي بېقىش، يەنە كالا بېقىش ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەخمەتنىڭ 30 كالىسى، 120 قويى بار، يەنە تىراكتور، ئۇۋىتىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، بىر يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ئەخمەت يەنە دائىم يۇرتداشلارنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە تىرىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى. 

 «بۇ ئون يىلدا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى.» ئەخمەت مۇنداق دېدى: كېسەك ئۆيلەرنى ئەمىن ئۆيگە ئالماشتۇردۇق، ھويلا- ئاراننىڭ تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونى ئايرىۋېتىلدى، ئۆي ئىچىدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولدى، قىزىم ياتلىق بولدى، ئوغلۇم ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، نەۋرەم يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى شاد- خۇراملىققا چۆمدۇق. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125