كۆمۈر قانداق ھاسىل بولغان؟
11:12:46 2022-09-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كۆمۈر يەرشارىدىكى زاپىسى ئەڭ مول، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ تاشقاتما يېقىلغۇ، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن قارا ئالتۇن، سانائەتنىڭ ئوزۇقى دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، بىز ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى. لېكىن كۆمۈر قانداق ھاسىل بولغان؟ تۆۋەندە، بۇنى كىچىك ئانار سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.

كۆمۈر نەچچە مىليون يىللاردىن بۇيان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شاخ- يوپۇرماقلىرى ۋە يىلتىز غوللىرىنىڭ يەر يۈزىدە دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بىر قەۋەت ئىنتايىن قېلىن قارا رەڭلىك چىرىندى ماددا بولۇپ، يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك گېئولوگىيەلىك تەسىردە، ئۇزاق ۋاقىت ھاۋادىن ئايرىلىپ تۇرغاچقا ھەم يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدا بىر قاتار فىزىكىلىق، خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە قارا رەڭلىك كۆيۈشچان چۆكمە جىنسنى شەكىللەندۈرىدۇ، مانا بۇ كۆمۈرنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانى.

كۆمۈر ئورگانىك ماددىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئېلېمېنتلاردىن ئاساسلىقى كاربون، ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت ۋە گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى فوسفور، فىتور، خىلور ۋە ئارسېن قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار.

يەرشارى تارىخىدا، كۆمۈرنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئەڭ پايدىلىق گېئولوگىيەلىك يىللار، ئاساسلىقى ئاخىرقى پالېئوزوي ئېراسىدىكى تاش كاربون دەۋرى، پېرم دەۋرى؛ ئوتتۇرا ھاياتلىق ئېراسىدىكى يۇرا دەۋرى؛ ھەمدە يېڭى ھاياتلىق ئېراسىدىكى ئۈچىنچى دەۋردىن ئىبارەت. چۈنكى، بۇ بىرقانچە مەزگىلدە يەرشارىنىڭ كىلىماتى ئىنتايىن ئىللىق ۋە نەم بولۇپ، يەرشارىنىڭ يۈزىدە ھەممىلا يەردە ئېگىز، توم، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن، بولۇپمۇ سازلىق، ئويمانلىق قاتارلىق پەس، ئويمان جايلار ۋە سۇ بار مۇھىتتا قەدىمكى سارچە تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئالاھىدە باراقسان ئۆسكەن.

بىز كۆمۈرنى نېپىز يالپاقلاپ مىكروسكوپتا كۆزەتسەك، ناھايىتى ئېنىق بولغان ئۆسۈملۈك توقۇلمىلىرى ۋە تۈزۈلۈشىنى بايقايمىز، بۇ ئارقىلىق دەل- دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقا سىزىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە كۆمۈر قاتلىمىدا دەرەخ غولىغا ئوخشاش نەرسىلەر ساقلىنىپ قالىدۇ، بەزى كۆمۈر قاتلىمىدا يەنە مۇكەممەل ھاشارات تاشقاتمىلىرى ساقلىنىپ قالغان. بۇ كۆمۈرنىڭ دەل- دەرەخلەردىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

قاتمۇقات كۆمۈر دەل دەل- دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈزلۈكسىز قاتمۇقات دۆۋىلىنىپ، يەنە ئۈزلۈكسىز گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، يەنە داۋاملىق فىزىكىلىق، خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى يەر ئاستىدىكى قاتمۇقات كۆمۈرگە ئايلانغان!

جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كۆمۈردىن پايدىلانغان دۆلەت. لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى شىنلې قەدىمكى مەدەنىيەت خارابىسىدە كۆمۈردىن ياسالغان ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى بايقالغان، خېنەن گۇڭيى شەھىرىدىمۇ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە توقاچ كۆمۈر ئىشلىتىپ تۆمۈر تاۋلىغان خارابە بايقالغان. «تاغ- دەريالار دەستۇرى»دا كۆمۈر زەمچە دەپ ئاتالغان، ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۆمۈر سۈرمە ياكى تاشكۆمۈر دەپ ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن لى شىجېننىڭ «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا تۇنجى قېتىم كۆمۈر دېگەن بۇ ئىسىم ئىشلىتىلگەن.

شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مۇھىم رايون، ئېنىقلانغان كۆمۈر زاپىسى 450 مىليارد توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى ئاساسلىقى يۇرا دەۋرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىليون يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كۆمۈر پەقەت ئوت قالاپ ئىسسىنىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ بولۇپ قالماستىن، ئۇ خام ماتېرىيال سۈپىتىدە «72 خىل ئۆزگىرىش»نى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تەبىئىي گاز، مېتانول، ئولېفىن، پولىستىرېنغا ئۆزگىرىپ، بىر پارچە سولياۋ، بىر قۇر كىيىم- كېچەككە ئايلىنىدىغان بولدى...كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى كۆمۈرنىڭ خام ماتېرىيالدىن ماتېرىيالغا ئايلىنىشىنى، كۆپ مىقدارلىق خىمىيەلىك بۇيۇمدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق قوللىنىشچان بۇيۇمغا كېڭىيىشىنى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن بۆلىكىدىن يۇقىرى بۆلىكىگە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125