بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىر قىسىم باقمىچىلىق ئائىلىلىرىدە يەم- خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلدى، شىخو شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا- بازارلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېشىل يول ئېچىش، ئاپتوموبىللارنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىق ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەر ئىككىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ ئىككى كۈندە، چىگىشور بازىرى خارمودۇن كەنتىدىكى گۆش توشقىنى باقمىچىلىق ئائىلىسى فېڭ جۇڭپىڭنىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىق زاۋۇتىغا 12 توننا توشقان يېمى يۆتكەپ كېلىندى، 7000 توشقاننىڭ «يېمى» كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ناھايىتى خاتىرجەم بولدى.
فېڭ جۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن زاپاس ساقلىغان يەم بىرقانچە كۈن بۇرۇنلا تۈگىگەن، توشقانلارنىڭ يېمى قالمىغان ۋاقىتتا، مەن بەك ئالدىراپ قېلىپ جىددىيلىشىپ كەتكەنىدىم.»
فېڭ جۇڭپىڭ چىگىشور بازىرى خارمودۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، 2015- يىلى ئۇ شېنياڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ گۆش توشقىنى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاللىدى، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، فېڭ جۇڭپىڭنىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىق كۆلىمى ئەڭ دەسلەپكى بىرقانچە دانىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىر 7000دىن ئارتۇق توشقان بار باقمىچىلىق زاۋۇتىغا ئايلاندى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يەم- خەشەك توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلى كېلەلمىدى، ئۆزىمۇ كۆپرەك زاپاس يەم- خەشەك تەييارلاپ قويمىغانىدى. فېڭ جۇڭپىڭ بەك تىت- تىت بولۇپ بازاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، يەم- خەشەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ، گۆش توشقىنىنىڭ يېمى كەمچىل بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
فېڭ جۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن قىيىنچىلىقىمنى بازارلىق ھۆكۈمەتكە ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بىرىنچى ۋاقىتتا ماڭا ياردەم بېرىپ يەم- خەشەك ۋە تىرانسىپورت ئاپتوموبىلى ماسلاشتۇرۇپ بەردى. بۇ 12 توننا يەم- خەشەك 7000دىن ئارتۇق توشقاننىڭ بىر ئاي يېيىشىگە يېتىدۇ، مەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قوللىغانلىقى ۋە ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»
ئىختىيارىي مۇخبىر: سۈن تۇڭگو
پايدىلانغان مەنبە: «شىخو نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)