جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
09:51:43 2022-10-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى

 (جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ماقۇللاندى)

 ئومۇمىي پىروگرامما

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى − كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ كۆرسەتمىسى قىلىدۇ. 

 ماركسىزم- لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە تولغان. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق تەرەققىي قىلغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى − ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ.  

 يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبە يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.

 پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئىزاھلاپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.

 پارتىيە 13- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش جياڭ زېمىن ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، زامانىمىزدىكى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى شەرت قىلىنغان يېتەكچى ئىدىيەسى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى باشتىن- ئاخىر پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلى، كۈچ- قۇۋۋەت مەنبەسى قىلىش كېرەك.

 16- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈردى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى − ھەم ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيە.

 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21- ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بارلىق نەتىجە ۋە ئالغا ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى، يىغىپ ئېيتقاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغانلىقىمىزدىن بولدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەمىز مىڭبىر جاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ يول، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسى، بۇ تۈزۈم، بۇ مەدەنىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى تاماملاش دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ، 100 يىللىق كۈرەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئېچىپ، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلىرىنى توپلىدى، بۇ − پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق، شۇڭا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

 دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ. بۇ − ئەسلىدىلا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان جۇڭگودا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچ، ئۇنىڭغا 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شەرت. ھازىرقى باسقۇچتا، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت − خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىچكى ئامىل ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەلۇم شارائىتتا كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ يولدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا لايىقلاشمىغان تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم رايونلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتىش ئاساسىدا خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. تەرەققىيات − پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش شەرت. تۈرلۈك خىزمەتلەردە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى باش مەۋقە ۋە سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش، بىلىمنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش شەرت. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى − 2035- يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇشۇ مەركەزگە بويسۇندۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى شەرت. دۆلەتنى پەن- تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش رولىنى، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق بولۇش رولىنى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 

 سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ − دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش شەرت.

 ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش − دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنىڭ يولى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ شۇنىڭغا يارىشا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا دادىل ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى يول ئېچىش كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر- يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدۇ. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەڭ قەدەمدە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرىدۇ، جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا ماڭىدۇ، ئىجادچان دۆلەت ۋە دۇنياۋى پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرىدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا ماڭىدۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرىدۇ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ. پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتىدۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە- ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تىكلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ- نومۇس قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى كۈچەيتىدۇ، كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزمنىڭ چىرىك ئىدىيەلىرىنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل رەزىل ھادىسىلەرنى تازىلاپ، دۆلىتىمىز خەلقىنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان خەلققە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىغا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. دېموكراتىك- قانۇنچىل، ئادىل- ھەققانىي، سەمىمىي- دوستانە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، تىنچ- تەرتىپلىك، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەيدىغان، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان ھەم ئىناق ئۆتىدىغان ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى خىل زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىدۇ. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە لايىقلىشىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئاڭنى كۈچەيتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە زورايتىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى جۈملىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى توسىدۇ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى تاماملايدۇ. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا ھەققانىيەت- مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىر- بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر- بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر- بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپ ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تامامەن باراۋەر بولۇش، بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، بىر- بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كومپارتىيەلەر ۋە باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ غايىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماي باتۇرانە كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇپ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە ساپلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشى شەرت. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇپ، پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك يادروغا ئايلاندۇرۇش شەرت. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا تۆۋەندىكى ئالتە ئاساسىي تەلەپنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت:

 بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش. پۈتۈن پارتىيە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەمدە بۇنىڭدا قىلچە تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق «سول»چىل ۋە ئوڭچىل خاتا خاھىشلارغا قارشى تۇرۇپ، ئوڭچىللىقتىن ھوشيار بولۇش، لېكىن ئاساسلىقى «سول»چىللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش شەرت.

 ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى − ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. پۈتۈن پارتىيە مۇشۇ ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ماركسىزمنى ئەمەلىيەت داۋامىدا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى شەرت. 

 ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ھەرقايسى تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلاپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق ياخشى كادىرلارنى تەربىيەلەپ ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ زور بىر تۈركۈم ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىپ ئىشلىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

 تۆتىنچى، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق. پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئەڭ قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە مۇھەببەت باغلاش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قويۇشىغا يول قويمايدۇ. پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلۈكى − ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىدۇر. پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش مەسىلىسى − پارتىيەنىڭ ھايات- ماماتىغا تاقىلىدىغان مەسىلە. پارتىيە ئۆز خىزمىتىدە ئاممىۋى لۇشيەننى يولغا قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزدە تۇتۇشى، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىشى، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى شەرت.

 بەشىنچى، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئۇ − ھەم پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، ھەم ئاممىۋى لۇشيەننىڭ پارتىيە تۇرمۇشىدىكى تەتبىقلىنىشى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت. توغرا بولغان مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىردەكلىكىگە، پارتىيە قارارلىرىنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئىزچىللىشىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرچانلىقى، پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىجابىي، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش شەرت. پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى توغرا قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى كۈرەش قىلىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى شەرت. مەركەزلەشتۈرۈشمۇ بولغان، دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ بولغان، ئەركىنلىكمۇ بولغان، ئىرادە بىرلىكىمۇ بولغان، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىمۇ بولغان جانلىق- جۇشقۇن سىياسىي ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىش شەرت.

 ئالتىنچى، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىن سىناق، روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق- چىرىكلىك خەۋپى پۈتۈن پارتىيە ئالدىغا تېخىمۇ كەسكىن قويۇلدى. قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەدبىرنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلچانلىق ۋە ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋار بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، پارتىيە − ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت- مائارىپ ساھەلىرىدە، ھەرقايسى تەرەپلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. پارتىيە ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، تەڭ دەرىجىلىك ھەر خىل تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، خىزمەتلەرنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇشى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت. پارتىيە دېموكراتىك ۋە ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەشنى يولغا قويۇپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتى ۋە تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق- نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى شەرت. پارتىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇپ، بىردەك ماسلىشىپ ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. پارتىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە لايىقلىشىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى شەرت. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئامما بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى شەرت.

 1- باب پارتىيە ئەزالىرى

 1- ماددا يېشى 18گە توشقان جۇڭگو ئىشچىلىرى، دېھقانلار، ھەربىيلەر، زىيالىيلاردىن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىلەردىكى ئىلغارلاردىن پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەش، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋاقتى- قەرەلىدە پارتىيە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

 2- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كوممۇنىستىك ئاڭغا ئىگە ئاۋانگارت جەڭچىلىرىدۇر. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشى شەرت.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر. بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك.

 3- ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت:

 (1) ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر ۋە پارتىيە تارىخىنى، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

 (2) «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئاممىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاۋانگارتلىق- نەمۇنىلىك رول ئويناش.

 (3) پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتا، شەخسىي مەنپەئەتنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، كۆپ تۆھپە قوشۇش.

 (4) پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشتا، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاپ، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپ ئورۇنداش.

 (5) پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەگە سادىق- سەمىمىي بولۇپ، سۆز- ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلمىشلىرىغا ۋە بارلىق سۇيىقەست، ھىيلە- مىكىرلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش.

 (6) تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە پىرىنسىپىغا خىلاپ سۆز- ھەرىكەتلەر، خىزمەتتىكى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى دادىل ئېچىپ تاشلاپ ھەم تۈزىتىپ، پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

 (7) ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئامما بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى پارتىيەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغداش.

 (8) سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە سوتسىيالىستىك شەرەپ- نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قىيىن ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق.

 4- ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

 (1) پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى كۆرىدۇ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە تەلىمىنى ئالىدۇ.

 (2) پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيەنىڭ يىغىنلىرىدا ۋە پارتىيەنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ.

 (3) پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 (4) پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى ئاساس كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىدۇ، پارتىيە ئالدىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلىرىنى مەسئۇللۇق بىلەن ئاشكارىلايدۇ، پاش قىلىدۇ، قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزاسىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 (5) ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 (6) پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزگەن ياكى ئۇنى باھالىغان ۋاقىتتا، پارتىيە ئەزاسى ئۆزى قاتنىشىشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق، باشقا پارتىيە ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە ۋە ئۇنى ئاقلىسا بولىدۇ.

 (7) پارتىيەنىڭ قارارلىرى ۋە سىياسەتلىرىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قارار ۋە سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۆز پىكرىنى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا سۇنسا بولىدۇ.

 (8) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا ئىلتىماس، ئەرز ۋە شىكايەت سۇنسا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

 پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنىڭ، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقىرىدىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىش ھوقۇقى يوق.

 5- ماددا پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا، سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئايرىم- ئايرىم قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت.

 پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتىيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇرىدۇ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ، ياچېيكا يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن شۇنىڭدەك كاندىداتلىق مۇددىتىدە سىنالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولىدۇ.

 تونۇشتۇرغۇچىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، پەزىلىتى، تەرجىمىھالىنى ۋە خىزمەتتىكى ئىپادىسىنى ئەستايىدىل ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئوچۇق ئېيتىشى ھەمدە بۇنى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەسئۇللۇق بىلەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

 پارتىيەنىڭ ياچېيكا كومىتېتى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىدىن پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك دەپ ھېسابلىسا، ئاندىن ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.

 پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى تەستىقلاشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم. 

 ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيەگە بىۋاسىتە ئەزا قوبۇل قىلسا بولىدۇ. 

 6- ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىشى شەرت. قەسەمنامە مۇنداق: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.

 7- ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل تەربىيەلىشى ۋە كۆزىتىشى لازىم.

 كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرى ئاۋاز بېرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسمىي پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

 كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭ رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتۈش- ئۆتەلمەسلىكىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشى لازىم. پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىنى ھازىرلىغانلارنى ۋاقتىدا رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ داۋاملىق كۆزىتىش ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش كېرەك. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتكۈزۈش ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە ياكى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

 كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچېيكا يىغىنى ئۇلارنى كاندىدات پارتىيە ئەزالىقىغا ماقۇللىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىستاژى كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي پارتىيە ئەزالىقىغا ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

 8- ماددا ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، پارتىيەنىڭ بىرەر ياچېيكىسى، بىرەر گۇرۇپپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يەنە پارتىيە كومىتېتى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشى شەرت. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان ھەرقانداق ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

 9- ماددا پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلاش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.

 ئىنقىلابىي ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، پارتىيە ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ياچېيكىسى تەربىيە بېرىپ، ئۇلاردىن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم؛ تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش لازىم. پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈلىدىغان پارتىيە ئەزالىرى چېكىنىشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇپ، ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك. 

 پارتىيە ئەزالىرى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان دەپ قارىلىدۇ. ياچېيكا يىغىنى بۇنداق پارتىيە ئەزالىرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

 2- باب پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى

 10- ماددا پارتىيە ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە تەشكىللەنگەن بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. پارتىيەنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى مۇنۇلار: 

 (1) پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنىدۇ، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنىدۇ.

 (2) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەسىز تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىدىن باشقىلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

 (3) پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورگىنىدۇر. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كومىتېتلار پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىدۇر. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

 (4) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ، پارتىيە ئەزالىرى ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەم ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىن يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى، ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئارا خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى، بىر- بىرىنى قوللىشى ۋە بىر- بىرىنى نازارەت قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

 (5) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم كېڭىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىدۇ؛ كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كوللېكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى لازىم.

 (6) پارتىيە ھەرقانداق شەكىلدىكى شەخسكە چوقۇنۇشنى مەنئى قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش كېرەك.

 11- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تولۇق كېڭىشىشى ھەم مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. نامزاتلارنىڭ سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولىدىغان ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى بىۋاسىتە قوللىنىلىپ، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. ئاۋۋال ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى قوللىنىلىپ، تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. سايلىغۇچىلار نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە، نامزاتلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا، ھەرقانداق بىر نامزاتنى سايلىماسلىققا ۋە باشقىلارنى سايلاشقا ھوقۇقلۇق. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ سايلىغۇچىلارنى ھەرقانداق يول بىلەن مەلۇم بىر كىشىنى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرى سايلىمىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، پارتىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم. 

 پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىگە قارىتا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

 12- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى زۆرۈر تاپقاندا ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. ۋەكىللەر يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ئۇلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى ۋەكىللەر يىغىنىنى چاقىرغۇچى كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

 13- ماددا يېڭى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشقا ياكى بۇرۇنقى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىشى شەرت.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرى يېپىق مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى زۆرۈر تاپسا، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى يۆتكىسە ياكى تەيىنلىسە بولىدۇ.

 پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋاكالەت ئورگىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

 14- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى كۆزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، ئۆزى باشقۇرىدىغان جايلار، تارماقلار ۋە كارخانا- كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلايدۇ.

 مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ ۋە دۆلەت ئورگىنى- تارماقلىرىدىكى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى (پارتىيە كومىتېتلىرى) خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. 

 پارتىيەنىڭ شەھەر(ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)لىك ۋە ناھىيە(شەھەر، رايون، خوشۇن) لىك كومىتېتلىرى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

 15- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقارغاندا، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى نورمال يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

 16- ماددا مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور سىياسەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە پەقەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىلا قارار چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە مەركىزىي كومىتېتقا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا قارار چىقارسا ۋە ئۆز تەشەببۇسىنى سىرتقا ئېلان قىلسا بولمايدۇ.

 پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت. ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قارارىنى ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارىسا، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئەسلىدىكى قارارىدا چىڭ تۇرسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكرىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى شەرت، لېكىن پىكرىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

 پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ گېزىت- ژۇرناللىرى ۋە باشقا تەشۋىقات قوراللىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىشى شەرت.

 17- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، قارار چىقىرىشتا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. مۇھىم مەسىلىلەرنى قارار قىلىشتا ئاۋازغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر مۇھىم مەسىلىلەردە تالاش- تارتىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم سانىدا كۆپ پەرق بولمىسا، جىددىي ئەھۋال سەۋەبىدىن كۆپچىلىكنىڭ پىكرى بويىچە ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغاندىن باشقىلىرىدا، قارار چىقىرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىن قايتا ئاۋازغا قويۇش لازىم؛ ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، تالاش- تارتىش ئەھۋالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا مەلۇم قىلىپ، كېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

 پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلماقچى بولغان مۇھىم تەشەببۇس پارتىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشىگە سۇنۇشى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن يوليورۇق سورىشى شەرت. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزى قارار چىقارسا بولمايدۇ؛ جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، ئۆزى قارار چىقىرىش زۆرۈر بولغاندا، ئىشتىن كېيىن پارتىيە تەشكىلاتىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق رەھبەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا ۋە ئۆزىنى تەشكىلدىن ئۈستۈن قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

 18- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى، يەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى، تەلىم- تەربىيە خىزمىتى، تەشكىلات خىزمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمىتى، بىرلىك سەپ خىزمىتى قاتارلىقلارنى دائىم مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلىشى شەرت.

 3- باب پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى

 19- ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مەركىزىي كومىتېت چاقىرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا ياكى پارتىيەنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقى تەلەپ قىلسا، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

 مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

 20- ماددا پارتىيە مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: 

 (1) مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

 (2) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛

 (3) پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار قىلىش؛

 (4) پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

 (5) مەركىزىي كومىتېتنى سايلاش؛

 (6) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

 21- ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى تەڭشەش ۋە كۆپەيتىپ سايلاش. مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەڭشىلىدىغان ۋە كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان ئەزالىرىنىڭ ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي كاندىدات ئەزا سانىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

 22- ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي بەلگىلەيدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تولۇقلىنىدۇ.

 مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى چاقىرىدۇ، ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

 مەركىزىي كومىتېت مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، تاشقى مۇناسىۋەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

 23- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى سايلايدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشى شەرت.

 مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

 مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى − مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللايدۇ.

 مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

 پارتىيەنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

 ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتتا ۋۇجۇدقا كەلگەن مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ يېڭى مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا كەلگۈچە پارتىيەنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

 24- ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركىزىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىشلەيدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە سىياسىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىكى تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ۋە ئاپپاراتلىرىنى بەلگىلەيدۇ.

 4- باب پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى

 25- ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قۇرۇلتايلىرى، رايون بار شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق قۇرۇلتايلىرى، ناھىيە(خوشۇن)لىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق قۇرۇلتايلىرى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى چاقىرىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ.

 26- ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: 

 (1) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

 (2) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛

 (3) ئۆز رايونى دائىرىسىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛

 (4) پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتىنى سايلاش، پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

 27- ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

 پارتىيەنىڭ ناھىيە(خوشۇن)لىك، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونى يوق شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. 

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسە، ئۇ سايلاپ چىققان كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزا سانى ۋە كاندىدات ئەزا سانىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتلار ئايرىم- ئايرىم بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدىكى بوش قالغان ئەزا ئورنى كاندىدات ئەزالار ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئاز- كۆپلۈكىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تولۇقلىنىدۇ.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلى كەم دېگەندە ئىككى قېتىم چاقىرىلىدۇ.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز جايىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتلىرىغا ئۆز خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ.

 28- ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرى يېپىق مەزگىلدە كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ كېلەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، يېڭى دائىمىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلگۈچە دائىملىق خىزمەتلەرگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

 29- ماددا پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك كومىتېتقا تەڭ تەشكىلاتلىرى − پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ بىرنەچچە ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر دائىرىسىدە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنى. ئۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلار بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن شۇ رايوننىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

 5- باب پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى

 30- ماددا كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورنى، كوچا- مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ليەندۈيى ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلاردا، ئۈچتىن ئارتۇق رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولسىلا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كېرەك.

 پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتى، باش ياچېيكا كومىتېتى، ياچېيكا كومىتېتىنى ئايرىم- ئايرىم تەسىس قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ياكى قۇرۇلتاي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، ئەزالارنىڭ نامزاتىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

 31- ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتى، باش ياچېيكا كومىتېتى، ياچېيكا كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

 32- ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى − پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: 

 (1) پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر، ئىلغارلاردىن بولۇشقا پائال تىرىشىپ، پارتىيە ئىچى- سىرتىدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، ئۆز ئورنىغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش.

 (2) پارتىيە ئەزالىرىنى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش.

 (3) پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا خىزمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىنى نازارەتچىلىك قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.

 (4) ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى دائىم ئىگىلەپ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش.

 (5) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ ۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى بېغىشلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش.

 (6) پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئاكتىپلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى دائىملىق خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ۋە ياشلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش. 

 (7) پارتىيەلىك كادىرلار ۋە باشقا ھەرقانداق خىزمەتچى خادىملارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا، دۆلەتنىڭ مالىيە- ئىقتىساد نىزاملىرىغا ۋە كادىرلار تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چاڭ سالماسلىقىنى نازارەت قىلىش.

 (8) پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا ناچار خاھىشلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش.

 33- ماددا پارتىيەنىڭ كوچا، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىدۇ، مەمۇرىي تەشكىلاتلار، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەتلەرنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنىڭ شۇ كارخانىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ۋە دىرېكتور(زاۋۇت باشلىقى)نىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ جان- دىل بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تايىنىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ كارخانىنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتكە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا، بىرلىك سەپ خىزمىتىگە ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

 پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، ئاممىغا خىزمەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. 

 مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

 ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، مەمۇرىي مەسئۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنى تەربىيەلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلمايدۇ.

 34- ماددا پارتىيە ياچېيكىسى − پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئۇلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئاممىغا خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

 6- باب پارتىيە كادىرلىرى

 35- ماددا پارتىيە كادىرلىرى − پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى، ئۇلار سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ھەر يەر- ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل- دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلىشىشى، زىيالىيلىشىشى ۋە كەسىپلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 پارتىيە كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، سىناش ۋە نازارەت قىلىشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ.

 پارتىيە ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

 36- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ چوقۇم ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشى، پاك- دۇرۇس بولۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 3- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى شەرت: 

 (1) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىرىشىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل بوران- چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش.

 (2) كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلاش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش.

 (3) ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئۈنۈمنى كۆزلەش.

 (4) كۈچلۈك ئىنقىلابىي كەسىپچانلىقى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئەمەلىي تەجرىبىسى بولۇش، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان تەشكىللەش قابىلىيىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە كەسپىي بىلىمى بولۇش. 

 (5) خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، پاك- دۇرۇس بولۇش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ئاددىي- ساددا ياشاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىككە، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە بولۇش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىغا قارشى تۇرۇش، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى تۇرۇش، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە- كەلمەس ئىشلىتىدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش.

 (6) پارتىيەنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قوغداش، دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە ئومۇملۇق قارىشى بولۇش، يولداشلار بىلەن، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇش.

 37- ماددا پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك.

 پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە سىرتىدىكى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

 38- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى مەيلى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسۇن ياكى رەھبىرىي ئورگانلار تەيىنلىگەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مەڭگۈلۈك ئەمەس، ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.

 يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى داۋاملىق ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىقىشى كېرەك.

 7- باب پارتىيە ئىنتىزامى

 39- ماددا پارتىيە ئىنتىزامى − پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رىئايە قىلىش شەرت بولغان ھەرىكەت قائىدىسى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ چەكلىمىسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى شەرت.

 40- ماددا پارتىيە ئىنتىزامى ئاساسلىقى سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى جەزمەن قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد- تەربىيە بېرىش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىش كېرەك. نازارەت قىلىش- ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ، «يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىش»نى دائىملاشتۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىش، پارتىيە ئىنتىزامىغا ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاش كېرەك.

 پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش شەرت.

 41- ماددا پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتىلغان ئىنتىزام جازاسى بەش خىل بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيەدىن قوغلاش.

 پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش داۋامىدا خاتالىقىنى ھەقىقەتەن تۈزەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ تۈزەتمەي خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، پارتىيەدىن قوغلاش لازىم.

 پارتىيەدىن قوغلاش − پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر جازا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى قارار قىلغان ياكى تەستىقلىغاندا، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.

 42- ماددا پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق قارار قىلىنىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ئەگەر چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ بولسا ۋە ياكى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىققاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەستىقلىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

 پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى شۇ كىشى ئەزا بولغان كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. ئومۇمىي يىغىن يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئاۋۋال چىقارسا، ئۇنى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان يۇقىرىقى جازالار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى، بۇنى شۇ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

 جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بىيۇروسى قارار قىلىدۇ؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

 43- ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىشنى قارار قىلىشتا، پاكىتلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم. جازا قارارىدا ئاساس قىلىنغان پاكىت ماتېرىياللىرىنى ۋە جازا قارارىنى جازالانغۇچىلارغا كۆرسىتىشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشى ۋە ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. جازالانغۇچىلار جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەرزنى مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ياكى باستۇرۇپ قويماي تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. خاتا پىكىردە ۋە يولسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ھەقىقەتەن ئېنىق بولغان كىشىلەرگە تەنقىد- تەربىيە بېرىش كېرەك.

 44- ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈشى شەرت.

 پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، شۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم.

 8- باب پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى

 45- ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەتلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى خىزمەتلەرنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. 

 پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

 پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئىتى قويۇشىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئىتى قويىدۇ.

 پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۇرغۇزىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا پارتىيە ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تۇرغۇزىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پارتىيەنىڭ شۇ ئورۇندىكى رەھبەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ. پارتىيەنىڭ شۇ ئورۇندىكى رەھبەرلىك تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى شەرت.

 46- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە مەسئۇل مەخسۇس ئورگانلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە كومىتېتىغا ياردەملىشىپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش. 

 پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلار پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشقا دائىر قارارلارنى چىقىرىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىدۇ، پارتىيەلىك ئاممىنىڭ پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان ماتېرىياللىرىنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، سۆھبەتلىشىپ سەمىگە سېلىش، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ دېلولاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان جازانى قارار قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىكايىتىنى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

 ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بۇنداق مەلۇماتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللىشى لازىم.

 ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدا پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بارلىقىنى بايقىسا، ئاۋۋال دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقسا بولىدۇ، ئەگەر دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغىمۇ مەلۇم قىلىشى لازىم؛ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا چېتىلغانلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ، بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقىدۇ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا تەستىقلىتىدۇ.

 47- ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ دېلو ھەققىدىكى قارارىنى تەستىقلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك قارارى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىشنى بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.

 پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بايقىلىپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ھەل قىلمىغان ياكى توغرا ھەل قىلمىغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا ئەرز بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياردەم سوراشقا ھوقۇقلۇق.

 9- باب پارتىيە گۇرۇپپىلىرى

 48- ماددا مەركەز ۋە جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا پارتىيەسىز تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىدا پارتىيە گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلسا بولىدۇ. پارتىيە گۇرۇپپىلىرى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛ ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش؛ ئۆز ئورنىنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛ كادىرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، تەڭشىلىشى ۋە پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىغا جازا بېرىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛ پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش؛ ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش.

 49- ماددا پارتىيە گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكىلەرنى شۇ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىدۇ. پارتىيە گۇرۇپپىسىغا شۇجى قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن شۇجىلار قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

  پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى شەرت. 

 50- ماددا قارىمىقىدىكى ئورۇنلاردا مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويغان دۆلەت خىزمەت تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىدا پارتىيە كومىتېتى قۇرۇلسا بولىدۇ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى مەركىزىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

 10- باب پارتىيە بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى

 51- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىلغار ياشلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتى، كەڭ ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

 52- ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز خىزمەتلىرىنى كەڭ ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، جانلىق- جۇشقۇن، مول ئىجادچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىتتىپاقنىڭ زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللىشى لازىم.

 ئىتتىپاقنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە ئەزاسى بولسا، پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

 11- باب پارتىيە بەلگىسى، پارتىيە بايرىقى

 53- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى − ئورغاق ۋە بولقىدىن تەركىب تاپقان سىزما نۇسخا.

 54- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى − يۈزىگە پارتىيە بەلگىسىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك سىزما نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق.

 55- ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغدىشى كېرەك. پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنى بەلگىلىمە بويىچە ياساش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125