ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 181- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى
10:07:58 2022-10-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 181- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 181- قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات مەبلىغىنى باشقۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى بىرىكتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل تېزلىتىپ، «ئىككى رايون» پەن- تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشى، پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پەن- تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەبلەغ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قاتتىق كۈچەيتىپ، قوللاش ئوبيېكتىنى ئىلمىي بېكىتىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ ئاجرىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەر باشقۇرۇش ھەققى ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇش، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشتا ھەق ئالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر. ھەرقايسى جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش قىلمىشىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشى، ئۇلارغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى، ھاياتىي كۈچ قوشۇشى كېرەك. تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى بىرىكتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇرسەت بىلىپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دائىرىسى، پاسىلى ئېنىق بولماسلىق، باشقا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلار بىلەن گىرەلىشىپ ئۈستىلىنىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەتنى توغرا ئىگىلەپ، تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىل سىزىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان ۋە قىزىل سىزىق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىغان رايونلارنى ئىلمىي بېكىتىپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى بىرىكتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125