سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك
10:14:44 2022-10-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

 سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جياڭ مېڭ، شېن يۈەنگېڭ) 10- ئاينىڭ 24- كۈنى بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى، 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بىڭتۇەن بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلات ۋە مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشىغا ئاساسەن، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى بىڭتۇەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش بىڭتۇەن يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ بىڭتۇەندە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. قاتلاممۇقاتلام يېتىشىپ مېڭىپ، يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىشى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، قابىل كۈچلەرنى توپلاپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر يەتكۈزۈش، ئاممىغا چوڭقۇر يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىڭتۇەن 8- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە بىڭتۇەن 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، ئىرادە بىلەن يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىش، بىڭتۇەننىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125